داۋالاش ئورنىمىز

داۋالاش ئورنىمىز نۇرلۇق ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، نوقۇل داۋالاشنى ئاساس قىلىشتىن، داۋالاش-دورىگەرلىك، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك دوختۇرخانا ۋە شىنجاڭ ئەمچى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى -دورىگەرلىك تەتقىقات مەركىزىنى بىرگەۋدە قىلىپ قۇرۇلغان. ئورنىمىز رايۇنىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن، مەشھۇر ئۇستاز تىۋىپلار قوشۇنىغا ئېگە بولۇپ، ئىككى نەپەر مۇدىر ۋىراچ، ئىككى نەپەر مەسئۇل ۋىراچ ۋە تۆت نەپەر ۋىراچ دوختۇر ۋە دورىگەرلەر بار. ئورنىمىزدا ئىچكى بۆلۈم، ئاياللار كېسەللىكلەر بۆلىمى، تېرە كېسىلى بۆلىمى ۋە ئەرلەر كېسەللىكلىرى بۆلىمى، فىزىكىلىق داۋالاش بۆلىمى تەسىس قىلىنغان .

تەتقىقات مەركىزى

شىنجاڭ ئەمچى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك- دورىگەرلىك تەتقىقات مەركىزى 2007-يىلى ئۇيغۇر تىبابىتىدە مول تەجرىبىگە ئېگە مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر تىبابىتىدە مول تەجرىبىگە ھەم يۇقۇرى ئۇنۋانغا ئېگە بىر قانچە ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن شىنجاڭدىكى شەخىسلەر ئىگىلىكىدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىردىنبىر تەتقىقات ئورنىدۇر.مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى «ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئۆلچەملىرى تەتقىقاتى»،«ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى تەتقىقاتى»،«ئۇيغۇر تېبابىتى كېلىنكا تەتقىقاتى»،«ئۇيغۇر تېبابىتى دورا تېرىپ ئۆستۈرۈش تەتقىقاتى»،«ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى»دىن ئىبارەت بەش تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىركەت

شىنجاڭ ئەمچى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئەمچى ئۇيغۇر ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىك تەتقىقات مەركىزىنى ئارقا سەپ قىلغان، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سېتىشنى ئاساس قىلغان سودا شىركىتى.«شىنجاڭ ئەمچى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»-ئەمچى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە 2009-يىلى قۇرۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت بولۇپ ئىمپورت-ئىكىسپورت،دورا سېتىش،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەش ۋە سېتىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويغان.

مۇتەخەسىسلەر تېخىمۇ كۆپ

مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كۆپ